گىرمانىيەدە قار مۇز دەۋرى قايتا باشلاندى

بۇ يىل قىش كىرگەندىن بېرى گىرمانىيە تەۋەسىدە قاتتىق قار يېغىپ، تاش يولغا چاچىدىغان تۇزلارنىڭ زاپاس مىقدارى ئازلاپ جىددى ھالەتكە كېلىپ قالغان. ھېلىتىن بۇنداق ئەھۋال يۇزبەرسە، قىش چىققىچە ئويدىكى تۇزلارنى ئاچىقىپ يولغا چاچامدىكىنە؟!

نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى

بۇ نوۋەتلىك نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى جوڭگولۇق لىۇ شىياۋ بو غا بېرىلىپتۇ. بۇ نوبىل تارىخىدىكى مۇكاپاتقا  ئېرىشكەن بىرىنچى جوڭگولۇق ئىكەن.

خاككىرلارنىڭ ھۇجۇمى

تۇنۇگۈن ۋىكىلېئاكس(wikileaks.com) تور بېتىنى قوللايدىۈان خاككىرلار نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ماستىر(master) ۋە پەيبەك (paybak) شىركەتلىرىنىڭ تور بېتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ توربەتلەرنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان. سەۋەبى بۇ شىركەتلەر تور بوشلۇغىنى ۋىكىلېئاكس تورىغا داۋاملىق بېرىشتىن باش تارتقان ئىكەن.

يوقاپ كەتكەن بۇۋاق تېپىلىپتۇ

پەيشەنبە گېرمانىيەنىڭ فرانكىاۇرت شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدىن ئوغرىلاپ كېتىلگەن بىر بۇۋاق بۈگۈن كەچ بولغاندا ساخچىخانىغا بىر يۇچۇن ئايالنىڭ خەۋەر بېرىشى بىلەن تېپىلغان. خەۋەرنى ئالغان ساقچىلار ئالمان تالمان ئۇ يەرگە بارغاندا، يۈتۈپ كەتەكن بۇۋاقتىن باشقا يەنە بىر بۇۋاقنىڭمۇ بارلىغىنى سېزىپ، دەرھال دوختۇرخانىدىكى سىستىرانى ۋە تۇغۇت ئانىسىنى چاقىرىپ ئەكىلىپ بۇۋاقنى تونۇتقان. بۇ بۇۋاقلارنىڭ نىمە ئۈچۈن ئوغرىلىنىپ كېتىلگەنلىگى ھازىرچە نامەلۇم ئىكەن. (گېرمانىيە بىلد گېيىزىتىدىن ئېلىندى)

غالىبىيەتچى بىلەن مەغلۇبىيەتچىنىڭ پەرقى:

غالىبىيەتچى بىلەن مەغلۇبىيەتچىنىڭ پەرقى:

1.    مەغلۇبىيەتچى: بۇنىڭ ئامالى بارمىكىن، لېكىن بەك تەس دەيدۇ.
غالىبىيەتچى: بۇ بەك تەس لېكىن ئامالى تېپىلىدۇ دەيدۇ بۇ يازمىنىڭ داۋامىنى ئوقۇش

ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلىسىز قېلىشى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى

(مەنبە: بەشتاش تورى)

دۇنيادا پامىلىسىز ياشاۋاتقانلاردىن ئافرىقا قىتەسىدە ئاز ساندا قەبىلە – مىللەتلەر بار. مەدەنىي مىللەتلەر ئارىسىدا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر فامىلە ئىشلەتمەي ياشاۋاتقان يالغۇزلا ئۇيغۇرلار قالدى.
ھەر قانداق بىر ئۇيغۇردىن فامىلىڭىز نېمە دەپ سورىسىڭىز، دادىسىنىڭ ئىسمىنى دەيدۇ. ھەر بىر پەرزەنت دادىسىنىڭ ئىسمىنى فامىلە سۈپىتىدە قوللانغانچقا  فامىلە، ئۇ ئادەم بىلەن بىللە گۆرگە كىرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ بالىسىنىڭ فامىلىسىنىڭ ئۆمرىمۇ ئۇنى قوللانغۇچىنىڭ ئۆمرىدىن ئۇزۇن بولمايدۇ. بۇ يازمىنىڭ داۋامىنى ئوقۇش

كۈندە بىر جۈملە گېرمانچە:

Guten Abend — (گۇتېن ئابېند)

كەچلىگىڭىز خەيرلىك بولسۇن!  –( نامازشام ئاخشامغا دىيىلىدۇ.)

Guten Nacht! — (گۇتېن ناخت)

كېچىلىگىڭىز خەيرلىك بولسۇن! –( ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۆز-ئارا دىيىشىدۇ.)

دۇنيا بويىچە ئەڭ قاتتىق ئىزدەلگەن ناتسىس ئەمەلدارى سوت قىلىنىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن

89 ياشلىق سامۇئەل كۇنز سوت(Samuel Kunz) قىلىنىشنىڭ ئالدىدا كىسەل سەۋەبدىن ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ ئون نەچچە قېتىملىق قاتىللىق ۋە 440000 قەتىملىق قاتىللىققا ياردەمدە بولۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەڭەن بولۇپ، بۇ سوت ئەسلىدە كىلەر يىلنىڭ بەخىغا گەرمانىيەنىڭ بونن شەھىرىگە قارارلانغان ئىكەن. سامۇئەل كۇنز ئەڭ كۆپ ئىزدەلگەن ئۈچ ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

(مەنبە : گېرمان دولقۇنلىرى– deutsche welle  )